خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىنوخانىلاردا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدىغان كىنو «چوڭ ھەربىي پارات · 2019»نىڭ كۆپ خىل تىلدىكى نۇسخىسى 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادا تارقىتىلدى. فىلىمنىڭ كۆپ خىل تىل نۇسخىسى ئىنگلىز تىلى، رۇس تىلى، فىرانسۇز تىلى، ئىسپان تىلى، ئەرەب تىلى، پورتۇگال تىلىدىن ئىبارەت ئالتە خىل تىلنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى 3 مىلياردتىن ئارتۇق كىشىنى قاپلايدۇ.
10-ئاينىڭ 1-كۈنى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 4K يۇقىرى ئېنىقلىق سىگنال ئارقىلىق، 10 نەچچە ئۆلكىدىكى 70 كىنوخانىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن كاتتا ھەربىي پارات ۋە ئامما نامايىشى قاتارلىقلارنى بىۋاسىتە تارقاتتى. يېقىندا، فىلىمنىڭ گۇاڭدۇڭ تىلى ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىلى نۇسخىسى ئارقا-ئارقىدىن چىقتى.
مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مەسئۇلى 10-ئاينىڭ 13 -كۈنى بېيجىڭدا مۇنداق تونۇشتۇردى: باش ئىستانسا 40 نەچچە خىل تىلنى تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قويۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ كونكرېت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، 4Kلىق بىۋاسىتە تارقىتىلغان فىلىم «چوڭ ھەربىي پارات · 2019»نى تەرجىمە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەردىكى كۆرۈرمەنلەرگە رەڭدار جۇڭگونى چۈشەندۈرىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قارىمىقىدىكى خەلقئارا كۆرۈنمە چاستوتا خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار يەر شارىدىكى 150تىن ئارتۇق كىنو-تېلېۋىزىيە ھەمكارلىق ھەمراھىنى بۇ 4Kلىق كىنو بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ