مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى جەڭگىۋار قوشۇن (ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يارقىن نۇقتىسى كۆپ، ئەۋرىشىملىكى يېتەرلىك بولماقتا)

مەملىكەت بويىچە 600 مىڭغا يېقىن ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ، 160 مىليون مو يەر تىجارەت قىلىنماقتا

2019.10.14 16:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ئائىلە ئەزالىرىنى ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى، ئائىلە ئىگىلىكىنى ئاساسىي تىجارەت بىرلىكى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۆلەملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەپ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت شەكلىدۇر. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، جايلار دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق تۈرلۈك ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە يار-يۆلەك بولۇپ، پۇختا ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى 600 مىڭغا يېقىن بولۇپ، تىجارەت قىلىۋاتقان يېرى 160 مىليون موغا يەتكەن، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ سانى مۇقىم ئاشقان، تەرەققىيات سۈپىتى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، تىجارەت كەسپى بارغانسېرى كۆپ مەنبەلىك بولغان.

  سىياسەت تەسىس قىلىش

  كىچىك دېھقانچىلىق مەيدانى دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى

  ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى تۈزۈمى بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە، مىليونلىغان دېھقانلار يېڭى تايانچقا ئىگە بولدى. خۇشاللىنارلىق، ياخشى ئىشلار ئارقا- ئارقىدىن يۈز بەردى.

  مەركەزنىڭ بۇ يىلقى 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تىجارىتىگە ماس كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش تەكىتلەندى. يېقىندا، مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى قاتارلىق 11 مىنىستىرلىق، كومىتېتنىڭ «ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلىنىپ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ يېتىلىشى يېڭى ئاساسقا ئىگە بولدى.

  كاڭيى ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ 2018-يىللىق ساپ كىرىم ھېساباتىنى ۋاراقلىغاندا، كۆز ئالدىمىز يورۇپ كېتىدۇ: ئاشلىق كىرىمى 9000 يۈەن، كۆكتات كىرىمى 10 مىڭ يۈەن، ياڭاق كىرىمى 11 مىڭ يۈەن، يېمەكلىك زەمبۇرۇغ كىرىمى 220 مىڭ يۈەن. نۆۋەتتە خېبېي ئۆلكىسىدە 41 مىڭ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى بار بولۇپ، %94 مەمۇرىي كەنتنى قاپلاپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ھازىرغا قەدەر ئەنخۇيدا ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى 100 مىڭغا يېتىپ، سانى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى.

  «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2020-يىلىغا بارغاندا، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەت مېخانىزمىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ سانىنى مۇقىم ئاشۇرۇش كېرەك؛ 2022-يىلىغا بارغاندا، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئىقتىدارى ۋە يېتەكلەش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش لازىم.

  يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى سىياسەت ۋە ئىسلاھات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاۋ ياڭ مۇنداق دېدى: كۆلىمى مۇۋاپىق، ئىشلەپچىقىرىشى تۈجۈپىلەنگەن، باشقۇرۇشى ئىلغار، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان زور بىر تۈركۈم ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى تېز يېتىشتۈرۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ.

  دېھقانلارنىڭ ئاساسىي گەۋدە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئائىلە ئىگىلىكىنىڭ يېزا ئاساسىي ئىگىلىك تۈزۈمىدىكى ئۇللۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم دېھقانچىلىق ئارزۇسى بولغان دېھقان ئائىلىلىرىنى ئىگىلىك باشقۇرۇش كۆلىمىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، كۆپ خىل تىپتىكى ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ھەمكارلىق ۋە بىرلىشىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  كۆلىمى مۇۋاپىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى كەسىپ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئەڭ ياخشى كۆلەملىك ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، بىر تەرەپلىمە ھالدا يەر قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيادە مەركەزلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، «قورغان چوڭ ئائىلىسى» پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  بازار يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. بازارنىڭ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى يېتەكلىشى ۋە قوللىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ