سوغۇق ھاۋا ئوتتۇرا، شەرقىي رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃8 تىن ئارتۇق تۆۋەنلەيدۇ

2019.10.14 14:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئورگان تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 13-ئۆكتەبىردىن 15-ئۆكتەبىرگىچە، سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، ئېلىمىزدە بىر قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك بوران چىقىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، يامغۇر يېغىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن؛ شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلاردا بوران چىقىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن؛ سوغۇق ھاۋا ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، غەربىي جەنۇب رايونلىرىدا يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدىكەن.

  بىرىنچى، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلاردا بوران چىقىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

  سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، ئالدىنقى كۈنىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمى، شەنشىنىڭ شىمالىي قىسمى، خېبېينىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمى، بېيجىڭ، تيەنجىن، لياۋنىڭ، جىلىننىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە گەنسۇنىڭ شەرقىي قىسمى، سىچۈەن ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا تېمپىراتۇرا ℃4 دىن ℃8 قىچە تۆۋەنلەيدۇ؛ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، خېبېينىڭ شىمالىي قىسمى، تيەنجىننىڭ ئوتتۇرا قىسمى، لياۋنىڭنىڭ شەرقىي قىسمى، جىلىننىڭ ئوتتۇرا قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃10 تىن ℃15 قىچە تۆۋەنلەيدۇ؛ يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا بەش بالدىن يەتتە بالغىچە ئۆتكۈنچى شامال چىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بۈگۈن كۈندۈزى شىنجاڭ ئاقسۇنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ