جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ۋۇشىدىكى ئۇششاق يېمەكلىكلەر دۇكىنىدىكى يېقىلغۇ گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى

2019.10.14 14:27 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 13-ئۆكتەبىر، قۇتقۇزۇش خادىملىرى يېقىلغۇ گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيداننى تازىلىماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئۆكتەبىر جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ۋۇشىدا شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ئۇششاق يېمەكلىكلەر دۇكىنىدىكى يېقىلغۇ گاز پارتلاش ۋەقەسىگە قارىتا، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى نەق مەيدانغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ۋە كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلغان.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ مىڭ، مۇئاۋىن مىنىستىر فۇ جيەنخۇا دەرھال قوماندانلىق مەركىزىگە بېرىپ، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان بىلەن سىنلىق ئالاقىلىشىپ، نەق مەيداننىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاختۇرۇپ قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، نەق مەيداننى ئەستايىدىل تازىلاپ، ھېچقانداق جاينىڭ چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن تالاپەتنى ئازايتىشنى ھەمدە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، ھادىسە كۆپ يۈز بېرىدىغان پاسسىپ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى.

  13-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 ئەتراپىدا، ۋۇشى شەھىرى شىشەن رايونى ئېخۇ بازىرى شىنياڭ يولىدىكى بىر كىچىك ئاشپۇزۇلدا يېقىلغۇ گاز پارتلاش يۈز بەردى. ۋۇشى شەھىرىدىكى تەشۋىقات تارماقلىرى تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا قارىغاندا، سائەت 17 گىچە قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاخىرلاشقان. قۇتقۇزۇش، ئېنىقلاش ئارقىلىق بايقىلىشىچە ۋەقەدە توققۇز ئادەم قازا قىلغان، 10 ئادەم يارىلانغان. ھازىر يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى مۇقىملاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ