2019-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا رەقەملىك ئىقتىساد كۆرگەزمىسى خېبېينىڭ شىجياجۇاڭدا باشلاندى

2019.10.12 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئۆكتەبىر، تاماشىبىنلار رەقەملىك ئىقتىساد كۆرگەزمىسىدە، كەلگۈسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىلنى سىناپ باقماقتا.

  شۇ كۈنى، 2019-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا رەقەملىك ئىقتىساد كۆرگەزمىسى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، «رەقەملىك ئىقتىساد يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شيۇڭئەن مۇنبىرى، كارخانا تۈرلىرىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ