مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2019-يىللىق ئاخبارات مۇخبىرلىق-تەھرىرلىك خادىملىرىنى ئىش ئورنى بويىچە تەربىيەلەش ئىمتىھانى خىزمىتى يېقىندا باشلىنىدۇ

2019.10.12 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات مەھكىمىسى يېقىندا «2019-يىللىق ئاخبارات مۇخبىرلىق-تەھرىرلىك خادىملىرىنى ئىش ئورنى بويىچە تەربىيەلەش ئىمتىھانىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاخبارات ئورۇنلىرىدىكى مۇخبىرلىق-تەھرىرلىك خادىملىرىنى ئىش ئورنى بويىچە تەربىيەلەش ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، ماركسىزملىق ئاخبارات قارىشى، ئاخبارات ئېتىكىسى ۋە سىياسەت، قانۇن-نىزام، ئاخبارات مۇخبىرلىق-تەھرىرلىك كەسپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا ئىش ئورنى بويىچە تەربىيەلەش ئىمتىھانىنىڭ توردا ۋە تور سىرتىدا ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئېلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئىمتىھان يېپىق ئېلىنىدۇ. توردا ئېلىنىدىغان ئىمتىھان «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»نىڭ يانفون تېرمىنالىدا 2019- يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ، تولۇقلاپ ئىمتىھان بېرىش ۋاقىت 11-ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە بولىدۇ. توردا ئىمتىھان بېرىش شارائىتى ھازىرلىمىغان ئاخبارات ئورۇنلىرى چوقۇم 10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇرۇن تۇرۇشلۇق ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات-نەشرىيات باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تور سىرتىدا ئىمتىھان ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ