مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەھەر-بازار ئولتۇراق رايونلىرىدىكى يانداش يەسلىلەرنى تەرتىپكە سېلىش، تۈزەش تېزلىتىلىدۇ

يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ

2019.10.12 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېچىلغان مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، شەھەر-بازار ئولتۇراق رايونلىرىدىكى يانداش يەسلىلەرنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، مەملىكەت بويىچە 42 مىڭ 100 شەھەر-بازار ئولتۇراق رايونى رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 18 مىڭ 400 يەسلىدە يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇشى، ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ياكى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى جايىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى جايىدا بولمىغىنىدىن 11 مىڭ 500ى بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %62.5نى ئىگىلىگەن. ھازىر، 6300دىن ئارتۇقى تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئومۇمىي ساننىڭ %35ىنى ئىگىلىگەن.

  گوۋۇيۈەن 2010-يىلى بېسىپ تارقاتقان «نۆۋەتتىكى يەسلى مائارىپى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»دە، شەھەر-بازار ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ ئولتۇراق رايون پىلانى ۋە نوپۇس كۆلىمىگە ئاساسەن يانداش يەسلى قۇرۇش ھەم ئاممىۋى مائارىپ بايلىقى سۈپىتىدە ھۆكۈمەت بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلى ياكى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى پۇقراۋى يەسلى قۇرۇشقا ھاۋالە قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 2018- يىلى 11-ئايدا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى»دە، ئولتۇراق رايونلاردىكى يانداش يەسلىلەرنىڭ پىلانلاش، قۇرۇش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، يەسلى ئېچىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىشقا ئېنىق تەلەپ قويۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ