مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى يىل ئاخىرىغىچە %95 نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۆلچەرلەندى، دېدى

2019.10.12 16:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ 10- ئاينىڭ 11-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇردى: 2013-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى نامرات ئاھالىلەر 98 مىليون 990 مىڭدىن 16 مىليون 600 مىڭغا كېمىيىپ، يىلدا 12 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ساقلاپ، 832 نامرات ناھىيەنىڭ 436سى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. يىل ئاخىرىغىچە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە مەملىكەت بويىچە %95 ئەتراپىدىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، %90تىن ئارتۇق نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

  ليۇ يۇڭفۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئېرىشكەن پائال نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى 2016-يىلىدىن بۇيان، ئۇدا تۆت قېتىم مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى مۇھىم بايانلىرىنى تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇردى، ئۆگەندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى يەنە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ماقالىسىنى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ۋە جەمئىيەتتىن ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، بىر قاتار نەزەرىيە تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم تەتقىقات نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ