خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور پونكىتى «جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى <تۆت خاھىش> مەسىلىسىنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش، ئاشكارىلاش مەخسۇس رايونى»دا جايلاردا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان «تۆت خاھىش» مەسىلىسىگە ئائىت سەككىز تىپىك دېلو مىسالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ، مەزكۇر مەخسۇس رايوننىڭ «ھەپتىلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» قىلغاندىن بۇيان، 2-قارار مەركەزلىك ئاشكارىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان مەسىلىلەر تيەنجىن، جېجياڭ، ئەنخۇي، گۇاڭشى قاتارلىق سەككىز ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)دە يۈزبەرگەن بولۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياردەم پۇلى، تولۇقلىما پۇلى تارقىتىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشىغا ئىشلىتىش، ئۆمەك باشلاپ ساياھەت قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق تۈرلەرگە چېتىلىدۇ. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنى چەكلەشتە كۈچلۈك چۆچۈتۈش رولىغا ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ