خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «قىس دورىلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.
«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن قىس دورىلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدە قىس دورىلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. لېكىن، نۆۋەتتە يەنىلا دورا بىلەن تەمىنلەش ۋە باھاسىنى تەكشۈرۈش ۋاقتىدا بولماسلىق، سەزگۈرلىكى يېتەرلىك بولماسلىقتەك مەسىلىلەر ساقلانماقتا، ھەمدە دورا سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش، زاپاس ساقلاش ۋە باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك بولىۋاتقان مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتىمىز.
قىس دورىلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «پىكىر»دە تۆۋەندىكى مۇناسىپ سىياسەت-تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ