ئاكادېمىك يۈەن لۇڭپىڭ خىزمەت پونكىتى گۇاڭشى گۇەنياڭدا يوپۇقىنى ئاچتى

2019.10.10 13:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئاينىڭ 9- كۈنى، گۇاڭشىنىڭ گۇەنياڭ ناھىيەسى شىنيۈ بازىرى شياۋلۇڭ كەنتىدە ئاكادېمىك يۈەن لۇڭپىڭ (ئالدىنقى ئوڭدىن ئۈچ) خىزمەت پونكىتىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئاكادېمىك يۈەن لۇڭپىڭ خىزمەت پونكىتى شۇ كۈنى گۇاڭشى گۇەنياڭ ناھىيەسىنىڭ شىنيۈ بازىرى شياۋلۇڭ كەنتىدە ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بىرلىشىپ پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، گۇاڭشىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلدۇرۇش، ئاكادېمىك يۈەن لۇڭپىڭ پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلا سۈپەتلىك شال سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ھوسۇللۇق شال تېخنىكا سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ