مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە «ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىل» شەكىللەندۈرۈش

15 تۈرلۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر كەسپىنىڭ كودلاشتۇرۇش ئۆلچىمى پۈتۈنلەي تاماملاندى

2019.10.09 16:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بىر كېسەلگە بىر كود» «بىر دورىغا بىر كود»، راسچوت ئۇچۇرى بىر قېتىمدىلا توپلىشىش، سانلىق مەلۇمات يوللاش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ... مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، 15 تۈرلۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر كەسپىنىڭ كودلاشتۇرۇش ئۆلچىمى پۈتۈنلەي تاماملىنىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىپ، مەملىكەت بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېمىسى ۋە ھەرقايسى كەسىپ ھالقىلىرىدا «بىر كودلاشتۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  مەملىكەت بويىچە «ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان تىل» شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى 2018-يىلى 8- ئايدا 15 تۈرلۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر كەسپىنىڭ كودلاشتۇرۇش ئۆلچىمىنى تۈزۈش خىزمىتىنى باشلىغان. بۇ يىل 6- ئايدا، كېسەلگە دىياگنوز قويۇش ۋە ئوپېراتسىيە قىلىش مەشغۇلاتى، داۋالىنىش مۇلازىمىتى تۈرى، دورا ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان ماتېرىيال قاتارلىق تۆت تۈرلۈك كودلاشتۇرۇش ئۆلچىمى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە ھەرىكەتچان قوغداش سۇپىسىنى ئالدىن يولغا قويغان؛ 9- ئاينىڭ 26-كۈنى، داۋالىنىش كاپالىتى فوندى راسچوت تىزىملىكى، نۇقتىدا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دوختۇرى، نۇقتىدا بەلگىلەنگەن پارچە سېتىش دورىخانىسى قاتارلىق 11 تۈرلۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر كەسپىنىڭ كودلاشتۇرۇش قائىدىسى ۋە ئۇسۇلىنى ئېلان قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى تور پونكىتى «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر كەسپىنىڭ كودلاشتۇرۇش ئۆلچىمى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ھەرىكەتچان قوغداش» كۆزنىكى ئاچقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ