مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەمۇرىي جازا قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە ئاشكارا پىكىر ئېلىنىپ، ئالتە تۈرلۈك مەمۇرىي جازا تۈرى بېكىتىلدى

2019.10.09 16:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى (دەسلەپكى لايىھە)» 10-ئاينىڭ 8 -كۈنى جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تورىدا ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتىن پىكىر ئالدى.

  بۇ يىل 8-ئايدا، مەمۇرىي جازا قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى تۇنجى قېتىم 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىغا قاراپ چىقىشقا سۇنۇلدى. 10- ئاينىڭ 8-كۈنى پۈتۈن تېكىستى ئاشكارىلانغان مەمۇرىي جازا قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى يەتتە بابقا بۆلۈنۈپ، ئومۇمىي پىرىنسىپ، مەمۇرىي جازا تۈرى ۋە تەتبىقلىنىشى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە ئۇنىڭغا تەتبىقلىنىدىغان جازا، مەمۇرىي جازا تەرتىپى، قايتا قاراپ چىقىش، قايتا سېلىشتۇرۇش، ئەرز قىلىش، قانۇنىي جاۋابكارلىق ۋە قوشۇمچە قائىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 66 ماددىدىن تەركىب تاپقان. جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تورى يەنە مەمۇرىي جازا قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى ئاشكارىلىدى.

  دەسلەپكى لايىھە ئىزاھاتىغا ئاساسلانغاندا، مەمۇرىي جازا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنى جازالاش تەدبىرىدۇر. رېۋىزىيە قانۇنىدا تۇنجى قېتىم مەمۇرىي جازا ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەم ئۇنى «مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى»نىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ، ئۇنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسىنى ھۆكۈمەت ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىغا كېڭەيتكەن. مەمۇرىي جازا قانۇنىنى تۈزۈش رېۋىزىيە قانۇنىنىڭ پىرىنسىپ بەلگىلىمىلىرىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوبيېكتنى بىر تەرەپ قىلىش دائىرىسىگە ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈپ، مەمۇرىي جازانى پارتىيە ئىنتىزامى جازاسىغا ماسلاشتۇرۇپ، جىنايى ئىشلار جازاسى بىلەن جىپىسلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشنى جازالاشنىڭ پۇختا قانۇن تورىنى توقۇپ، بالدۇر، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەت خادىملىرى قوشۇنى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق.

  دەسلەپكى لايىھەدە مەمۇرىي جازا سۇبيېكتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. چارە كۆرۈشنى قارار قىلغۇچى ئورگان، ئورۇننىڭ تەيىنلىگۈچى، قالدۇرغۇچى ئورگان، ئورۇن ۋە رېۋىزىيە ئورگىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بېكىتىلدى ھەم ئىككى خىل سۇبيېكتنىڭ رولى ۋە مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى، ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش قاتارلىق بەش تۈرلۈك مەمۇرىي جازا بېرىش پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  دەسلەپكى لايىھەدە مەمۇرىي جازانىڭ تۈرى ۋە تەتبىقلىنىش قائىدىسى بېكىتىلدى. ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، بوشىتىشتىن ئىبارەت ئالتە خىل مەمۇرىي جازا تەسىس قىلىندى. مۇناسىپ جازا مەزگىلى: ئاگاھلاندۇرۇش ئالتە ئاي؛ گۇناھ يېزىش 12 ئاي؛ چوڭ گۇناھ يېزىش 18 ئاي؛ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش 24 ئاي بولىدۇ. بوشىتىش گۇناھى بېرىلگەنلەرنىڭ جازا ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ شۇ ئورۇن بىلەن بولغان ئەمگەك - كادىرلار ئىشلىرى مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ