مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى ئىشلىتىش قوللانمىسى»نى ئېلان قىلدى

ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىگە چوقۇم «دورا ئەمەس» دەپ ئىزاھلاش كېرەك

2019.10.09 16:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى دورا ئەمەس دېگەن قاراشنى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ بىلىپ ئىستېمال قىلىشى ئۈچۈن، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا «ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىدە ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى ئىشلىتىش قوللانمىسى»نى ئېلان قىلىپ، كېلەر يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ كىچىك ئورالمىسىنىڭ ئاساسلىق كۆرۈنمە يۈزىگە ئاگاھلاندۇرۇش رايونى تەسىس قىلىپ، «ساغلاملىق يېمەكلىكى، دورا ئەمەس، دورا ئورنىدا كېسەل داۋالىيالمايدۇ» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش سۆزىنى ئېنىق ئىزاھلىشى كېرەكلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاگاھلاندۇرۇش رايونىنىڭ يۈزى شۇ يۈزنىڭ %20ىدىن كىچىك بولماسلىقى، قارا ھەرپلىك خەتتە بېسىلىشى كېرەكلىكى ئېنىق بەلگىلەندى.

  ھازىر، ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلام ئىستېمال ئېھتىياجى كۈندىن - كۈنگە ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ساقلىقنى ساقلاش بىلىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا، بۇ دەل ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ساختا، يالغان تەشۋىقاتىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. جۇڭگو ئوزۇقلۇق ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ شۆسۇڭ مۇنداق قارىدى: ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش سۆزىنى ئىزاھلاپ باشقۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىش كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە تەلەپچانلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلاتنىڭ رولىنى كۆپتۈرۈش ۋە ساختا، يالغان تەشۋىقاتتىن ساقلىنىشقا پايدىلىق، شۇنداقلا يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ فۇنكسىيە رولىنى توغرا تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىغا پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ