مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز NBA ۋەقەسى توغرىسىدا سۆز قىلدى

جۇڭگو بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇۋاتقان تۇرۇقلۇق جۇڭگونىڭ خەلق رايىنى چۈشەنمەسلىك ئاقمايدۇ

2019.10.09 16:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 8-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا خيۇستون راكېتا كۇلۇبى باش دىرېكتورىنىڭ يېقىندا شياڭگاڭغا چېتىشلىق خاتا سۆزلىرى ۋە شۇنىڭدىن ئارقىدىن NBA باش دىرېكتورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى.

  گېڭ شۇاڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ خيۇستوندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى خيۇستون راكېتا كۇلۇبىدىكى ئالاقىدار زاتلارنىڭ خاتا سۆزلىرى توغرىسىدا قارشى تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى. جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتى ۋە خيۇستون راكېتا كوماندىسىنىڭ جۇڭگو تەرەپ ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلدى.

  گېڭ شۇاڭ: «مېنىڭچە، جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى ناھايىتى ئېنىق بولدى»، دېدى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭدىن باشقا، مەن سىزنىڭ ئادەتتىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان ئىنكاسى ۋە ئۇلارنىڭ پوزىتسىيەسىگە دىققەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. جۇڭگو بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ تۇرۇقلۇق، جۇڭگونىڭ خەلق رايىنى چۈشەنمەسلىك بۇ ئاقمايدىغان ئىش».

  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: NBA نىڭ جۇڭگودىكى ئىستىقبالى قانداق؟ ئەگەر جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسا، ئۇلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: «NBA نىڭ جۇڭگو بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇۋاتقىنىغا خېلى ئۇزاق ۋاقىت بولدى، كېيىنكى قەدەمدە قانداق دېيىش، قانداق قىلىش كېرەكلىكى ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئايان».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ