مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئامبۇلاتورىيەدە دورا ئىشلەتكەندە ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %50 تىن ئاشىدۇ

ياشانغانلارنىڭ ساغلام كۈتۈنۈش ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلىدۇ

2019.10.09 15:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان 300 مىليوندىن ئارتۇق يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى يېقىندا خۇش خەۋەر تاپشۇرۇۋالدى: ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى دائىرىسىدىكى ئامبۇلاتورىيەدە ئىشلەتكەن دورىلىرىنىڭ ئاتچوت قىلىنىش نىسبىتى %50 تىن ئاشىدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ئامبولاتورىيەدە ئېغىر كېسەل ياكى سوزۇلما كېسەللەرنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر، بەلگىلىك كۆرسەتمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك يۈكىنى يېنىكلەتتى. لېكىن جايلاردىكى ئامبولاتورىيىدە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ «بوسۇغىسى» ئومۇميۈزلۈك بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، سالمىقىمۇ ئوخشاش بولماي كەلگەن ئىدى.

  دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى سەھىيە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، داۋالىنىش كاپالىتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گۇ شۆفېي مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىشچى- خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دەپ ئايرىلىدۇ. بۇ خىل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى يېڭى تەدبىرى مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ»، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى ئادەتتىكى يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنى قاپلىدى؛ ئىككى چوڭ سوزۇلما كېسەللەرنىڭ ئامبۇلاتورىيەدىكى ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، نەچچە يۈز مىليون بىمارنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ