مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج خ مىنىستىرلىقى ئۆز مەلۇماتىدا، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە جەمئىيەت مۇقىم، ئامانلىقنىڭ ساقلىنىشى ياخشى بولدى، دېدى

2019.10.09 15:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى تۈرلۈك ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلانغان. دېمەك، بۇ مەزگىلدە، كەڭ خەلق ئاممىسى تىنچ، ئىناق ۋە خۇشال كەيپىيات ئىچىدە دۆلەت بايرىمىنى ئۆتكۈزدى. 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى مۇقىم، ئامانلىق تەرتىپى ياخشى بولدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا ئائىت ساقچى خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 تۆۋەنلىگەن، مەملىكەت بويىچە يول قاتناش ھادىسىسى %46 تۆۋەنلىگەن، ھەر قايسى نۇقتىلىق ساياھەت شەھەرلىرى ۋە مەنزىرە رايونلىرىدا تەرتىپنى ساقلاش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، جايلاردا ئېلىپ بېرىلغان ئاممىۋى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى.

  دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرى جەمئىيەت قاتلىمى جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ج خ قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بىرلەشمە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش بىرلەشمە ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلارنى چارلاش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتتى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى زور قاتناش بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 170 مىڭ ئادەم (قېتىم) ساقچى كۈچى، 60 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى ئاپتوموبىلىنى ئىشقا سالدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى چېگرا تەكشۈرۈش ئورگانلىرى چېگرىدىن كىرىپ چىققان 12 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كىشىنى تەكشۈرۈپ، پورت ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنىڭ مۇقىم، بىخەتەر ۋە راۋان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ