مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە توردا چىقىم قىلىش تېز ئاشتى

تور بىرلەشمە سۇپىسى ئاپپارات ھالقىپ چىقىم قىلىش سودىسى ئارقىلىق 8 مىليارد 594 مىليون قېتىملىق سودىنى بىر تەرەپ قىلدى

2019.10.09 15:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ تور بىرلەشمە راسچوت چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، دەم ئېلىش ۋاقتى جەمئىي يەتتە كۈن (1- ئۆكتەبىردىن 7- ئۆكتەبىرگىچە) داۋاملاشقان بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، تور بىرلەشمە سۇپىسى ئاپپارات ھالقىپ چىقىم قىلىش سودىسى ئارقىلىق، 4 تىرلىيون 330 مىليارد يۈەنگە يەتكەن جەمئىي 8 مىليارد 594 مىليون قېتىملىق سودىنى بىر تەرەپ قىلغان. تور بىرلەشمە سۇپىسىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سودا مىقدارى بۇلتۇرقى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكىدىن %79.92، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سودا سوممىسى %163.38 ئاشقان.

  دۆلەت پۇل مۇئامىلە ۋە تەرەققىيات تەجرىبىخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى دۇڭ شىمياۋ مۇنداق دەپ قارىدى: تور بىرلەشمە شىركىتى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سودا قېتىم سانى ۋە سوممىسىنىڭ ئېشىشىدىن قارىغاندا، توردا چىقىم قىلىش (ئالاقە تورىدا چىقىم قىلىش ۋە كۆچمە چىقىم قىلىش) كۆلىمى داۋاملىق تۈردە تېز ئاشماقتا ئىكەن. بۇنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەب بولسا، ئاممىنىڭ چىقىم قىلىش مايىللىقىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن ئىبارەت. بۇ، توردا پۇل تۆلەش بازىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى، ئاممىنىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە سەپەرگە چىقىشى، ئىستېمال قىلىشى ۋە كۆڭۈل ئېچىشى قاتارلىقلارغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ