مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو ئامېرىكىنى شىنجاڭغا چېتىشلىق خاتا قارارنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا دەۋەت قىلدى

2019.10.09 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 8- چېسلا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتارلىق ئاپپاراتلار ۋە سەككىز جۇڭگو كارخانىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى باشقۇرۇش ئەمەلىي گەۋدىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈپ ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكىنى خاتالىقنى دەرھال تۈزىتىپ، ئالاقىدار قارارلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

  شۇ كۈنى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 7- چېسلا جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى 18 ئاپپارات، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ج خ ئىدارىسى ۋە خەيكاڭ ۋېيشى قاتارلىق سەككىز جۇڭگو كارخانىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى باشقۇرۇش ئەمەلىي گەۋدىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ج خ ئىدارىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار ۋە سەككىز جۇڭگو كارخانىسىنى ئېكسپورتنى باشقۇرۇش ئەمەلىي گەۋدىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئېكسپورتقا چەك قويدى. بۇ خىل قىلمىش خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىدۇر، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. شىنجاڭدا ئامېرىكا تەرەپ كۆرسەتكەن ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، ئالاقىدار ئەيىبلەش پەقەت ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى ئۈچۈن قەستەن پەيدا قىلغان باھانىسىدۇر. شىنجاڭ قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنىڭ مەقسىتى ئەسەبىيلىك ۋە تېررورىزمنىڭ پەيدا بولۇشىنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، بۇ، جۇڭگونىڭ قانۇنىغا تامامەن ئۇيغۇن، شۇنداقلا خەلقئارا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا پائال تۆھپە قوشتى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلىشى پۈتۈنلەي ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، قۇرۇق گەپ قىلغانلىقى، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا كاشىلا قىلىدىغان، جۇڭگونىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان رەزىل نىيىتىنى يەنىمۇ ئاشكارىلىدى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكىنى خاتالىقنى دەرھال تۈزىتىپ، ئالاقىدار قارارلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز. جۇڭگو داۋاملىق كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ