مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ يىل كۈزگى بۇغداينى 330 مىليون مودىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز (70 يىلغا مەدھىيە)

2019.10.09 14:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كۈزلۈك تېرىلغۇ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرى تارماقلىرى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈزگى بۇغداي كۆلىمىنى 330 مىليون مودىن، ئەلا سۈپەتلىك مەخسۇس بۇغداي نىسبىتىنى ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئىككى پىرسەنت پوئىنت ئۆستۈرۈپ، كۈزگى قىچا كۆلىمىنى 100 مىليون مودىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.

  نۆۋەتتە، يازلىق ئاشلىق ۋە چىلگە شالدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، كۈزلۈك ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىش ۋەزىپىسى يېرىمدىن ئاشتى، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك بولماقتا. يەنە كېلىپ، بۇ يىل مول ھوسۇللۇق يىل بولىدۇ. لېكىن، بۇ يىل كۈزلۈك ۋە قىشلىق تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كىلىمات شارائىتى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، قىسمەن رايونلار ئالدىنقى ئېڭىز زىرائەتلىرىدىن ھوسۇل ئېلىشنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق ئامىللارغا دۇچ كەلدى. يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى جايلاردىن كۈزلۈك ۋە قىشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈر-خىل قۇرۇلمىسى ۋە رايون جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كۈزلۈك ۋە قىشلىق تېرىقچىلىق مەشغۇلاتىنى يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ