مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزنىڭ قۇتۇپ ئىلىم-پەن ئۇل تەتقىقاتىدا ئالتە چوڭ ئەۋزەل ساھە بېكىتىلدى

2019.10.09 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى قۇتۇپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چىن ۋېيجيا 8- چېسلا «2019- يىللىق جۇڭگو قۇتۇپ ئىلىم-پەن يىللىق يىغىنى»دا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قۇتۇپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسى باش بولۇپ تۈزۈشنى تەشكىللىگەن «قۇتۇپ ئىلمى ئۇل تەتقىقاتى ئالدىنقى ساھەسى» يىرىك پىلانىدا ئالتە چوڭ ئەۋزەل ساھە بېكىتىلدى. مەن كەلگۈسى 5 يىلدىن 10 يىلغىچە ئالىملارنىڭ بۇ ئالتە چوڭ ساھەدىكى يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقاتىدا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئالتە چوڭ ئەۋزەل ساھە مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قۇتۇپ مۇز قاپلىمىسىنىڭ تۇراقسىزلىقى ۋە دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆزگىرىشى؛ شىمالىي قۇتۇپ دېڭىزى-مۇز-گازنىڭ ئۆزئارا تەسىرى ۋە كىلىمات ئېففېكتى؛ جەنۇبىي ئوكيان ئايلانما ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يەر شارى ئېففېكتى؛ جۇغراپىيىلىك قۇتۇپلار گېئولوگىيەلىك جەريانى ۋە بايلىق مۇھىت ئېففېكتى؛ قۇتۇپ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە ئاجىزلىقى؛ قۇياش-يەر باغلىنىشى قۇتۇپ رايونى ئاتموسفېرا قاتلىمى بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ