مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشى پۈتۈن مەملىكەتتە يولغا قويۇلىدۇ

2019.10.08 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى قاتارلىق توققۇز تارماق يېقىندا «دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە دۆلەت دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىكى مەركەزلىك ھالدا مىقدارلىق سېتىۋېلىش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى سۈپىتى ئەلا، باھاسى ئەرزان نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان دورىلار بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «4 + 7» نۇقتىدا سىناق قىلىش دېيىلىدۇ) 11 شەھەردە كېڭەيتىلىپ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ھەممىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلغان. پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش «دۆلەت تەشكىللەش، بىرلىشىپ سېتىۋېلىش، سۇپىدا مەشغۇلات قىلىش» ئومۇمىي پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت بىرتۇتاش تەشكىللەپ نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەرلەر ئالدىن سىناق قىلىنغان ئۆلكە، شەھەرلەردىن باشقا 25 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىلەن بىرلىشىپ، رايون ھالقىپ بىرلىشىپ مەركەزلىك ھالدا مىقدارلىق سېتىۋېلىشنى قانات يايدۇرىدۇ. شاڭخەي شەھەرلىك دورىلارنى مەركەزلىك خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى بىرلىشىپ سېتىۋېلىش ئىشخانىسى كۈندىلىك خىزمەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەم كونكرېت يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  سېتىۋالغان دورىلار «4 + 7» نۇقتىدا سىناق قىلىشتا تاللانغان ئورتاق نام قوللىنىلىدىغان 25 خىل دورا بولۇپ، يۇقىرى سۈپەت، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، بىردەك باھالاشتىن ئۆتكەن (ماقۇللانغان دورىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەقلىدىي دورا، سېلىشتۇرما دورا، ئەسلىي تەتقىق قىلىپ ياسالغان دورىلارنىڭلا رىقابەت باھاسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بولىدۇ. بىرقانچە كارخانىنىڭ تاللىنىشىغا بولىدۇ، ھەربىر دورا بويىچە تاللانغان كارخانىلار ئۈچتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ تاللانغاندىكى باھاسى «4 + 7» نۇقتىدا سىناق قىلىش باھاسىدىن تۆۋەن بولسا، سېتىۋېلىش كېلىشىم مۇددىتى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولىدۇ.

  پىكىردە مۇنۇلار بېكىتىلدى: بۇ نۆۋەتلىك بىرلىشىپ سېتىۋېلىش سىياسەت تەدبىرى مىقدارلىق سېتىۋېلىش بولۇپ، مىقدارىغا قاراپ باھا تالاشسا بولىدۇ. شۇ جايدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە نۇقتىدا بېكىتىلگەن داۋالاش، دورىگەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ يىللىق دورا ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ % 50 - % 70ى بويىچە سېتىۋېلىش ئومۇمىي مىقدارىنى مۆلچەرلەپ مىقدارلىق سېتىۋېلىپ، مىقدار بويىچە باھا تالاشسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خېرىدار چاقىرىش بىلەن سېتىۋېلىش بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ سۈپەت ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ پۇل قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، سودا تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ