مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يارقىن سانلىق مەلۇماتلار كۈچلۈك ئىستېمال ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى نامايان قىلدى

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى 600 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

2019.10.08 16:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇس، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوتتۇرھال كىرىملىكلەر توپى، زور بازار بوشلۇقى ۋە كۈچلۈك سېتىۋېلىش كۈچى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئىشەنچلىك كاپالىتىگە ئايلاندى. بۇ يىل دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ساياھەت ئىستېمالىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، يەتتە كۈندە مەملىكەت بويىچە كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 782 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.81 ئاشتى؛ قىلىنغان ساياھەت كىرىمى 649 مىليارد 710 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.47 ئاشتى. كۈچلۈك، يارقىن ئىستېمال سانلىق مەلۇماتى دۆلىتىمىزنىڭ قۇدرەتلىك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئىستېمال ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي قوزغاتقۇچقا ئايلاندى.

  دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە مال سېتىۋېلىش، يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئىستېماللاردا ئارقا-ئارقىدىن يارقىن نۇقتىلار بارلىققا كەلدى. سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە پارچە سېتىش ۋە يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان سېتىش سوممىسى 1 تىرىليون 520 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەنئەنىۋى داڭلىق يېمەك- ئىچمەكلەر ئاشخانىلىرى، توردا ئالقىشلانغان ئۆزگىچە ئاشخانىلاردا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن، بېيجىڭدىكى قىسمەن ئەنئەنىۋى داڭلىق ئاشخانىلارنىڭ سېتىش سوممىسى ئادەتتىكىدىن بىر ھەسسە ئەتراپىدا ئاشقان.

  مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار بولدى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدە %66.4 ساياھەتچى ئادىمىيەت ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان، %59.45 ساياھەتچى تارىخىي مەدەنىيەت كوچىلىرى رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان. جۇڭگو كىنو كۆرۈرمەنلىرىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل دۆلەت بايرىمىدا كىنولارنىڭ قويۇلۇشىدىن رازى بولۇش دەرىجىسىگە 88.6 نومۇر قويۇلۇپ، بۇ تۈرلۈك تەكشۈرۈش باشلانغاندىن بۇيان قويۇش ۋاقتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى بويىچە ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن.

  بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، 10-ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 18گىچە، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە پۈتۈن مەملىكەتتە زور ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى ۋە تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرمىگەن. يېقىنقى بەش يىلدىكى ئوخشاش مەزگىللىك تەكشى قىممەت بويىچە سېلىشتۇرغاندا، ئاپەت سەۋەبلىك قازا قىلغان، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ۋە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان ئايرىم-ئايرىم %49.3 ۋە %58.9 كېمەيگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ