مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەخسۇس فىلىم «ئەمىن جۇڭگو» بۈگۈندىن باشلاپ كۆرسىتىلىدۇ

2019.10.08 15:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش، 70 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ تۇرالغۇ كاپالىتى خىزمىتىدە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى ۋە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرىنى جانلىق نامايان قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى بىرلىكتە سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن تۆت قىسىملىق يۈرۈشلۈك مەخسۇس فىلىم «ئەمىن جۇڭگو» 10- ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا ئالتۇن ۋاقىتتا كۆرسىتىلىدۇ، ھەر كۈنى ئىككى قىسىم كۆرسىتىلىدۇ.

  بۇ فىلىمدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن، تۇرالغۇ كاپالىتى ئىقتىدارى سىجىل كۈچەيگەن ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ چىقىلىپ، بىر قاتار تەسىرلىك ھېكايىلەر ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستى چىڭ ساقلاپ، بارلىق خەلقنىڭ «تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش» نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ۋە جاپالىق ئىزدىنىشلىرى تولۇق نامايان قىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقىدىن ئىبارەت دەۋر قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  فىلىمدە يەنە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئومۇمىي تۇرالغۇ مۇھىتىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر سىستېمىلىق نامايان قىلىنغان بولۇپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ يېڭى جۇڭگونىڭ تۇرالغۇ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ