مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى چېن جۈنۋۇغا «دەۋر ئۈلگىسى» دەپ نام بەردى

2019.10.08 15:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 7-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا چېن جۈنۋۇنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى پۈتۈن جەمئىيەتكە تەشۋىق قىلىپ ۋە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭغا «دەۋر ئۈلگىسى» دەپ نام بەردى.

  چېن جۈنۋۇ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە لوياڭ قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى تېخنىكا كومىتېتىنىڭ پەخرىي مۇدىرى، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق نېفىت ئايرىش قۇرۇلۇش تېخنىكا مۇتەخەسسىسى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى تېخنىكا مۇتەخەسسىسى، كاتالىزلاپ كراكىنگلەش قۇرۇلۇشى تېخنىكىسىغا ئاساس سالغۇچى. ئۇ بارلىقىنى ۋەتەنگە ئاتىغان بولۇپ، چىن قەلبىدىن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇردى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلىدىلا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، جۇمھۇرىيەت بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەپ، يېڭى جۇڭگونىڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى ئۈچۈن 70 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلدى.

  ئۇ باشلامچى بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ كاتالىزلاپ كراكىنگلەش تېخنىكىسىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ نېفىت ئايرىش سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىجادىي تۆھپە قوشۇپ، 90 ياشتىن ئاشقاندىمۇ يەنىلا پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇردى. ئۇ نام-مەنپەئەت قوغلاشماي، باشقىلارغا شوتا بولۇپ، دۆلەتكە زور بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك نېفىت خىمىيە مۇتەخەسسىسلىرىنى تەربىيەلەپ بەردى، نۇرغۇن نامرات ئوقۇغۇچى ۋە مۇنەۋۋەر ياشلارغا ياردەم بەردى. «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى»، «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى»، «مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك نەمۇنىچىسى»، «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى، دۆلەت پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، دۆلەت تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ