مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مەملىكەت بويىچە 3 مىليون ئادەم (قېتىم) دىن ئاشتى

2019.10.08 15:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019- يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالانغان، كېسەلخانىدا يېتىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلغان ئادەم (قېتىم) سانى 3 مىليوندىن ئېشىپ، جەمئىي راسچوت قىلغان ئادەم (قېتىم) سانى 3 مىليون 180 مىڭغا يەتكەن، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى سانى 20 مىڭدىن ئاشقان.

  8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىشتىكى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى 21 مىڭ 824كە، 2- دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى 19 مىڭ 90 غا، دۆلەت سۇپىسىدا ئەنگە ئالدۇرۇلغان ئادەم سانى 4 مىليون 680 مىڭغا، راسچوت قىلدۇرغان ئادەم (قېتىم) سانى 3 مىليون 180 مىڭغا يەتكەن. 8-ئاينىڭ ئۆزىدە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلدۇرغان ئادەم (قېتىم) سانى 249 مىڭغا، فوند چىقىمى 3 مىليارد 470 مىليون يۈەنگە، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن راسچوت قىلىنغان ئادەم (قېتىم) سانى 8023 كە يەتكەن.

  2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئېلىمىز ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىش، كېسەلخانىدا يېتىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويدى ھەمدە مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇپ راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاھالىلەر ئاتچوت قىلغاندا، ھەر تەرەپكە قاتراپ پۇل تۆلىشىنىڭ، ئۇزۇن ۋاقىت ئاتچوت قىلدۇرۇپ پۇل قايتۇرۇشنى كۈتۈپ تۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئاھالىلەر ئالدى بىلەن تېلېفون، تور ياكى بېجىرگۈچى ئاپپاراتتا ئەنگە ئالدۇرۇش ئارقىلىق، باشقا جايدا داۋالىنىشتا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تاللاپ كارتا بىلەن داۋالىنىدۇ، دوختۇرخانىدىن چىققاندا پەقەت ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمىنى چىقىم قىلسىلا بولىدۇ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قالغان خىراجەتنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىۋاسىتە ئاتچوت قىلىدۇ، ئاھالىلەر ئۆزى پۇل تۆلەش ھاجەتسىز.

  نۆۋەتتە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، جېجياڭ ئۆلكىسى، خۇنەن ئۆلكىسى، خەينەن ئۆلكىسى، چۇڭچىڭ شەھىرى، سىچۈەن ئۆلكىسى، يۈننەن ئۆلكىسى، گەنسۇ ئۆلكىسى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدىن ئىبارەت توققۇز ئۆلكىدە بىر تۇتاش توردا ئەنگە ئالدۇرۇش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى، شۇ جايدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار باشقا جايدا داۋالىنىشقا توغرا كەلگەندە، توردا بېجىرىشكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ