ئۈچ نەپەر ئالىم فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا بويىچە بېرىلگەن 2019- يىللىق نوبېل مۇكاپاتىدىن بەھرىمەن بولدى

2019.10.08 15:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىۋېتسىيە كارولىن تېببىي ئىنىستىتۇتى 7- چېسلا، فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا بويىچە بېرىلىدىغان 2019- يىللىق نوبېل مۇكاپاتىنى ئامېرىكىلىق ئالىم ۋىليام كايلىن ۋە گرېگ سېمېنزا، ھەم ئەنگلىيەلىك ئالىم پېتېر راتكلىف قاتارلىق ئۈچ ئالىمغا بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ «ھۈجەيرىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىنى ھۈجەيرىنىڭ قانداق ھېس قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قانداق ماسلىشىدىغانلىقى جەريانىنى بايقاش» جەھەتتە قوشقان تۆھپىلىرىنى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  باھالاش كومىتېتى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نەتىجىلەرنىڭ «قان ئازلىق، راك كېسىلى ۋە باشقا نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىكى يېڭى تاكتىكا» جەھەتتە ئىنسانلار ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىدىن ئۈمىد بار.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ