مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا چىقىرىلدى

2019.10.08 14:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  1971- يىلى 10- ئاينىڭ 25- كۈنى، 26- نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى 2758- نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللىدى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن جۇڭگو خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت بولۇپ، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىدىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئىدى. لېكىن، ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ توسقۇنلۇقى تۈپەيلىدىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنى ئۇدا تەيۋەن گومىنداڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىپ كەلدى.

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنى مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشنى قانات يايدۇردى ھەم دۇنيادىكى بارغانسېرى كۆپ دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  1971 - يىلى 9- ئايدا، 26- نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىللە جۇڭگونىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقى مەسىلىسى توغرىسىدا ئىككى تۈرلۈك تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچىسى، «مۇھىم مەسىلە» تەكلىپ لايىھەسى («تەتۈر مۇھىم مەسىلە» تەكلىپ لايىھەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، يەنى «جۇڭخۇا مىنگو»نى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى «ۋەكىللىك ھوقۇقى»دىن مەھرۇم قىلىدىغان ھەرقانداق تەكلىپنىڭ ھەممىسى مۇھىم مەسىلە؛ ئىككىنچىسى، «قوش ۋەكىللىك ھوقۇقى» تەكلىپ لايىھەسى، يەنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوبۇل قىلىش، لېكىن «جۇڭخۇا مىنگو»نىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقىنى تارتىۋالماسلىق. ئامېرىكا، ياپونىيەنىڭ «ئىككى جۇڭگو» پەيدا قىلىش غەرىزىدىكى ھەرىكىتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى.

  10- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن باشلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىللىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدا بىر ھەپتە كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ باردى. 10- ئاينىڭ 25- كۈنى، يىغىندا جۇڭگونىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقى مەسىلىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ، ئالدى بىلەن ئاتالمىش «تەتۈر مۇھىم مەسىلە» تەكلىپ لايىھەسى رەت قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن، يىغىن ئالبانىيە، ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بارلىق قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە جياڭ جيېشى گۇرۇھىنىڭ ۋەكىللىرىنى دەرھال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بارلىق ئاپپاراتلاردىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان بىرلەشمە تەكلىپ لايىھەسىنى ئاۋازغا قويدى، بۇ تەكلىپ لايىھەسى يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن ماقۇللاندى.

  11- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقى بىرىنچى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا چىقىرىلدى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ