مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈرەش قىلىش داستانى گۈللىنىش ئۇلۇغ كۈچى

__ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2019.10.01 13:19 مەنبە: خەلق تورى

  70 يىلدىن كېيىن، يەنە بىر 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەردە، يېڭى ئۇزۇن سەپەردىكى خەلق جۇمھۇرىيىتى يۈك - تاقلىرىنى رەتلەپ قايتا يولغا چىقتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىللىق تارىخىي پەيتتە، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى تولۇپ تاشقان خۇشاللىق ۋە ئىپتىخارلىق بىلەن خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلەپ، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ شان - شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى!

  ۋاقىت ئۇلۇغ قەلەم تەۋرەتكۈچى بولۇپ، ماڭغان قەدەملەرنى خاتىرىلەپ، تارىخنىڭ رەڭدار سەھىپىسىنى پۈتىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو زېمىنى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ قىياپىتى، ئۇلۇغ خەلقنىڭ قىياپىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە مىسلىسىز چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. 70 يىللىق بوران - چاپقۇندا 70 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى يېتەكلەپ جاپاغا چىداپ ئىشلەشتەك ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىنى ئېچىپ، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان قۇرۇلۇش دولقۇنىنى كۆتۈرۈپ، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئىسلاھات يولىنى ئېچىپ، دۇنيانى قۇچاقلايدىغان كۆكسى - قارنىنى ئېچىپ، دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشتەك مۆجىزە ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتەك مۆجىزىنى ياراتتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىنى بەلگە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. بۈگۈن، ئىلگىرى كىيىم - كېچىكى پۈتۈن، يېمەك - ئىچمىكى تەل بولمىغان خەلق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرماقتا؛ ئىلگىرىكى كەمبەغەل ھەم قالاق جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى؛ ئىلگىرى نامرات، ئاجىز مىللەت، ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەردانە جاكارلىغانغا ئوخشاش: «تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى بىر كونا دۇنيانى بۇزۇپ تاشلاشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، يەنە بىر يېڭى دۇنيانى قۇرۇشقا ماھىر. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چەكسىز گۈزەل.»

  تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى، جاھاندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى بۈگۈن. 70 يىلدىن بۇيانقى يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئازاب - ئوقۇبەت ۋە شان - شەرەپ، ئوڭۇشسىزلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت، بەدەل تۆلەش ۋە ھوسۇلغا تولغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق يۈكسەك باھا بەردى: «مەيلى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىدا بولسۇن، ياكى دۇنيا تارىخىدا بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان كۈرەش داستانى.»

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ