مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

70 يىلدا خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تورى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى، تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىكى تورى، ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تورى بەرپا قىلىندى

2019.09.27 14:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ شۇشيەن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاڭ جىنەن، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ مېڭخۇي، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شياۋۋېي 70 يىلدىن بۇيان خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  چېن باۋشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپ 519 مىڭغا، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مائارىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 276 مىليونغا، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 16 مىليون 700 مىڭدىن كۆپرەككە يەتتى. مائارىپنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە ئوتتۇرا- ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، زور بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار يېتىشتۈرۈلدى. ئالىي مائارىپنى ئېلىپ ئېيتساق، دۆلەت يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنىڭ %60 تىن كۆپرەكى ئالىي مەكتەپلەرگە توپلاشقان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي تەتقىقاتى ۋە دۆلەتنىڭ زور پەن تەتقىقات ۋەزىپىسىنىڭ %60 تىن كۆپرەكىنى ئالىي مەكتەپلەر ئۈستىگە ئالماقتا.

  خۇاڭ شۇشيەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ۋاقىتلىق تەدبىردىن تۈزۈملەشكەن كاپالەتكە تەرەققىي قىلىپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئاساس قىلىنغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەر يىلى 60 مىليون ئەتراپىدا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى تورى پۇختىلاندى. جۇڭگوچە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى تەدرىجىي شەكىللەندى، بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك كۈتۈنۈش ئاپپاراتى 29 مىڭ 900 گە، مەھەللە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە ئەسلىھەلىرى 143 مىڭ 400 گە، كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كارىۋىتى 7 مىليون 353 مىڭغا يەتتى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش − ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى. جاڭ جىنەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 1949-يىلىدىكى 180 مىليوندىن كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى 780 مىليونغا يەتتى، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۇدا ئالتە يىل 13 مىليوندىن ئاشتى. كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۈچەپ چىڭ تۇتۇلدى. بىرمۇ ئەزاسى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەر ھەرىكەتچان تۈگىتىلدى.

  جاڭ جىنەن مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز قىسقىغىنە نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلدى». كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلانغانلار 950 مىليوندىن ئاشتى، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 200 مىليوندىن ئېشىپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كەسپىي ئاممىنى قاپلىدى؛ كاپالەت ئىقتىدارى سىجىل كۈچەيدى، كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ سۇغۇرتا فوندىنىڭ قالدۇقى جەمئىي 6.8 تىرىليون يۈەنگەيەتتى؛ كاپالەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، مۇلازىمەت تېخىمۇ قولايلاشتى.

  ۋاڭ مېڭخۇي مۇنداق دېدى: «70 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى». ئېلىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك كاپالەتلىك تۇرالغۇ ۋە كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە جەمئىي 80 مىليون يۈرۈشتىن ئارتۇق تۇرالغۇ ئۆي سېلىپ، 200 مىليوندىن ئارتۇق ئاممىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سۈرئىتى تېزلەشتى، ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پاسكىنا سۇ ۋە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئايرىم-ئايرىم 263 ھەسسە ۋە 395 ھەسسە ئاشتى.

  ما شياۋۋېي مۇنداق دېدى: «ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى سىجىل ياخشىلىنىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۆزلىمە ئۆمرى 35 ياشتىن 77 ياشقا، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ‰200 تىن 6.1‰ كە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى 100 مىڭ/1500 دىن 100 مىڭ/18.3 گە چۈشتى، ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى». سەھىيە سېلىنمىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، 2018- يىلى ئېلىمىزنىڭ سەھىيە ئومۇمىي خىراجىتىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %6.6 كە يەتتى. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تورى بەرپا قىلىنىپ، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنى قاپلىدى. مەملىكەت بويىچە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى 990 مىڭدىن ئېشىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش تورى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ