مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى جۇڭگونىڭ قاينام تاشقىنلىق يىللىرى

1963-يىلى: نېفىتتا ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تەمىنلىيەلەيدىغان بولدۇق

2019.09.26 16:01 مەنبە: خەلق تورى

  1963-يىلى 12-ئايدا، زۇڭلى جوۋ ئېنلەي 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىدا تەنتەنىلىك ھالدا: «دۆلىتىمىز ئېھتىياجلىق نېفىتتا، ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تەمىنلىيەلەيدىغان بولدۇق»، دەپ جاكارلىدى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، دۆلىتىمىز نېفىت سانائىتىنىڭ ئاساسى ئىنتايىن ئاجىز ئىدى، پەقەت گەنسۇ يۈمېندىكى لاۋجۈنمياۋ، شىنجاڭدىكى مايتاغ، شەنشىدىكى يەنچاڭ قاتارلىق بىرقانچە كىچىك كۆلەمدىكى نېفىتلىكلا بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات مىقتارى 120 مىڭ توننىغا يەتمەيتتى، دۆلەت ئىچىدە نېفىت ئىستېمال قىلىشتا ئاساسىي جەھەتتىن ئىمپورتقا تايىناتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭ قاراماي نېفىتلىكى ۋە چىڭخەي لېڭخۇ نېفىتلىكى ھەم سىچۈەن نېفىتلىكى، گازلىقى ئېچىلىپ ھەمدە قۇرۇلۇپ، يۈمېن نېفىتلىكى كېڭەيتىلىپ، يۈمېن، شىنجاڭ، چىڭخەي، سىچۇەندىن ئىبارەت تۆت نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، غەربىي جەنۇب قاتارلىق بىرقانچە چوڭ ئويمانلىقتا ئېلىپ بېرىلغان رايونلارنى تەكشۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 1959-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 3 مىليون 730 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئاساسلىق نېفىت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تەمىنلەش نىسبىتى %40.6 كە يەتتى. بىراق بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئېھتىياجىنى قامداشتىن خېلىلا يىراق ئىدى.

  60-يىللارنىڭ باشلىرىدا، دۆلىتىمىز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ئېغىر قىيىنچىلىق ۋە زور بېسىمغا دۇچ كەلدى، داچېڭ نېفىتلىكى بىرلەشمە جېڭى دەل مۇشۇ مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، 1963-يىلىغا كەلگەندە، دۆلىتىمىز داچېڭ نېفىتلىكىنى يۇقىرى سۈرئەت، يۇقىرى سەۋىيەدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ ۋە قۇرۇپ، يىلىغا 6 مىليون توننا خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، نېفىت مەھسۇلاتلىرىدا ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك رول ئوينىدى.

  1964-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، نېفىت سانائىتى مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىپ، تيەنجىننىڭ جەنۇبى، دوڭيىڭنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز بويى بەلبېغىدا شىمالىي جۇڭگو نېفىت بىرلەشمە جېڭىنى تەشكىللەشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1965-يىلىغا كەلگەندە، شەندوڭدا قۇرۇپ چىقىلغان غالىبىيەت نېفىتلىكى، تيەنجىندە قۇرۇپ چىقىلغان داگاڭ نېفىتلىكىدىن نېفىت چىقىشقا باشلىدى. شىمالىي جۇڭگو نېفىت بىرلەشمە جېڭى بوخەي دېڭىزى قولتۇقى رايونىنى چارلاش ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمىدا يەنە بىر يېڭى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ئاچتى.

  داچېڭ نېفىت بىرلەشمە جېڭى ۋە شىمالىي جۇڭگو نېفىت بىرلەشمە جېڭى ئارقىلىق 1965-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، جۇڭگونىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 11 مىليون 310 مىڭ توننىغا يېتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمال قىلىنىدىغان خام نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىدا پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تەمىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، جۇڭگو نېفىت سانائىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ