«جۇڭگو» ناملىق چوڭ پاراخوتنىڭ يەلكەننى ئېچىپ يىراققا سەپەر قىلىشى ئۈچۈن

−− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ۋەتەنگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىدىن ئىلھام

2019.09.24 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  70 يىل، قان تومۇر بىر-بىرىگە تايىنىپ، بوران-چاپقۇنلۇق سەپەر قىلدى

  ___ ۋەتەن زېمىنىدا مەزمۇت تۇرۇپ، مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، قان كېچىپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش −− بۇ بىر ئارمىيەنىڭ ۋەتەنگە ئىزھار قىلغان مۇھەببىتىدۇر.

  70 يىل، ئېتىقاد خۇددى مەشئەل كەبى، ئۆلسىمۇ پۇشايمان قىلمىدى −−

  جۇڭگو خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش – بۇ، ئارمىيەنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىدۇر.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى باشتىن- ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىقى، بەخت- سائادىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى، گۈللىنىشىنى كۆزلەش تارىخىي ئېقىمىغا باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىپ، باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان.

  جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسىدە، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان خەلق ئارمىيەسى سادىقلىقى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان بىر تارىخىي داستان يېزىپ چىقتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ