مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك كارخانىلار ئىچىدە يەتتە ئۈلۈشتىن ئارتۇقى نامراتلارنى يۆلەش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىدى

2019.09.24 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېقىندا بىرلىكتە ئېلان قىلغان «كارخانىلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش كۆك تاشلىق كىتابى (2019)»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، 2019-يىلى بايلىق دۇنياسىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەن جۇڭگونىڭ ئالدىنقى 100 كارخانىسى ئىچىدە 75 كارخانا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىغان.

  كۆك تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك كارخانىنىڭ %65 يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاكتىپ قاتناشقان، يېرىمدىن ئارتۇق كارخانىلار نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى تەشكىلىي سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان، %47 كارخانا نامراتلارنى يۆلەش يىرىك پىلانى ۋە ئالاقىدار باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بېكىتكەن. جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدىكى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى سالغان 55 كارخانا جەمئىي 4 مىليارد 935 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى سالغان، جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ئىچىدىكى ئالتە ئاپپاراتنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش قەرز پۇل قالدۇقى جەمئىي 607 مىليارد 804 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  كۆك تاشلىق كىتابتىكى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك كارخانىلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە قاتنىشىش جەريانىدا ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئون نەچچە ساھەنى قاپلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %92كە يەتكەن؛ ئىككىنچىسى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بولۇپ، %77 كە يەتكەن؛ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش 3-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، %67كە يەتكەن. يىللىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمىنى ئاشكارىلىغان 15 كارخانىنىڭ يىللىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى جەمئىي 6 مىليون 340 مىڭ ئادەمنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 790 مىڭ نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ