مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

8-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 4814 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2019.09.24 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى 23-سېنتەبىر مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2019-يىلى 8-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 4814 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 6876 ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى، 4850 ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن جازا بېرىلدى. پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن چارە كۆرۈلگەن كادىرلار ئىچىدە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىردىن بىرى، ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك كادىردىن 60 ى، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 437 سى، يېزا، بۆلۈم دەرىجىلىك كادىردىن 4352 سى بار.

  8-ئايدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلىلەر ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات-پۇل بېرىش-ئېلىش 1218 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ياردەم پۇلى ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش 1121 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى سەپلەش-ئىشلىتىش 664 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش 646 قېتىم، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش ياكى كۈتۈۋېلىشنى قوبۇل قىلىش، يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى قۇبۇل قىلىش ياكى ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن قاتنىشىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئارامخانىلارغا كىرىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇرالغۇسىدا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ زىياپىتىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر 412 قېتىم، توي- تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىنى چوڭ ئۆتكۈزۈش 336 قېتىم، ھۆكۈمەت پۇلىغا دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىش 245 قېتىم، ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەردە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى 165 قېتىم، ھۆكۈمەت پۇلىغا چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقىش مەسىلىسى يەتتە قېتىم بولغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 2012-يىلى 12- ئايدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ 2019-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 302 مىڭ 300ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، جەمئىي 254 مىڭ 100 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن چارە كۆرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر 29 نەپەر، نازارەت-ئىدارە دەرىجىلىك كادىر 2732 نەپەر، ناھىيە- باشقارما دەرىجىلىك كادىر 22 مىڭ 406 نەپەر، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك كادىر 228 مىڭ 945 كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 45 تۈركۈمدە 262نى (2019-يىلى جوڭچيۇ بايرىمىغىچە) ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئاشكارىلىغان بولۇپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش رولىنى ئوينىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ