دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بېيجىڭ چاڭئەن كوچىسى بويىدا ستېرېئولۇق گۈللۈكلەر نامايان قىلىندى

2019.09.24 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، بېيجىڭ چاڭئەن كوچىسى بويىدىكى 12 جايدا ياسالغان ستېرېئولۇق گۈللۈكلەر يېقىندا پۈتتى، ھەمدە شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن رەسمىي يۈز كۆرۈشتى، كۆركەم ۋە شەكلى ھەر خىل گۈللۈكلەرنىڭ مەنزىرىلىرى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلدى.

  بۇ 12 جايدىكى ستېرېئولۇق گۈللۈكلەر جيەنگومېننىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكى، دۇڭدەن يول ئېغىزى، شىدەن مەيدانى، شىدەن يول ئېغىزى، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى ۋە فۇشىڭمېننىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىگە تارقالغان. ھەر بىر گۈللۈكنىڭ باش تېمىسى ئوخشىمايدۇ. ئۇلار «سەلتەنەتلىك 70 يىل»، «باھارنىڭ ھېكايىسى»، «يېڭى دەۋرگە ئىلگىرىلەش»، «گۈزەل جۇڭگو»، «مەدەنىيەت يولى»، «جۇڭگو ئىجادىيىتى» قاتارلىق كۆپ تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسلىقى 70 يىلدىن بۇيان ۋەتەننىڭ قۇدرەت تېپىشىدەك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئىپادىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ