يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئاخبارات مەركىزى تاشقى كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتىنى رەسمىي باشلىدى

2019.09.24 14:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 23- كۈنى، بېيجىڭ مېيدىيا مېھمانخانىسىدا تەسىس قىلىنغان يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئاخبارات مەركىزى تاشقى كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتىنى رەسمىي باشلىدى.

  ئاخبارات مەركىزى ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى، رادىئو-تېلېۋىزىيە سىگنال مۇلازىمەت ئۆيى، ئاخبارات سۈرەتخانىسى، تور، خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت رايونى، مۇخبىرلار خىزمەت رايونى، يۇغۇرما تاراتقۇلار سىناق ئۆيى، داۋالاش مۇلازىمەت ئۆيى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رايونلارنى تەسىس قىلدى. ئاخبارات مەركىزى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مەخسۇس تېمىلىق كوللېكتىپ زىيارەت ۋە سىرتقا چىقىپ زىيارەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ماتېرىيال ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاخبارات مەركىزىدە مۇخبىرلار چايخانىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇخبىرلارنى ھەقسىز قەھۋە، چاي ۋە پېچىنە-پىرەنىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاخبارات مەركىزى G5 تورىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، يەنە تۇنجى قېتىم 1- قەۋەتتە يۇغۇرما تاراتقۇلار سىناق ئۆيى تەسىس قىلىنىپ، مۇخبىرلارنى 5G شارائىتىدا يۇقىرى سۈپەتلىك، كۈچلۈك ئالاقىلىلىق ۋە ئەقلى ئىقتىدارلىق يۇغۇرما تاراتقۇلار سىناق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ