مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ 3-قېتىملىق مانېۋىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

2019.09.23 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، 21-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىندىن 23-سېنتەبىر سەھەرگىچە، بېيجىڭ تيەنئەنمېن رايونى ۋە چاڭئەن كوچىسىنى بويلاپ، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ پۈتۈن تەرتىپى، تولۇق ئامىلى، پۈتۈن كۈچ بىلەن مانېۋىر قىلىنغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىر تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق مانېۋىرى بولۇپ، تەبرىكلەش يىغىنى مۇراسىمى، ھەربىي پارات، ئاممىۋى نامايىش، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، كۆچۈش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ پۈتۈن جەريانى، پۈتۈن ئامىلى، پۈتۈن كۈچىنى جىپسىلاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇش نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىش ۋە كاپالەت سىستېمىسىنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلگەن. ھەر خىل پاراتقا قاتناشقانلار، مۇراسىم كۆرگەنلەر ۋە كاپالەت خادىملىرى 300 مىڭدىن ئاشقان.

  بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ مەزمۇنى، تەرتىپى ۋە لىنىيەسى پۈتۈنلەي رەسمىي پائالىيەتكە تەقلىد قىلىندى. نەق مەيدان تەرتىپلىك تەشكىللىنىپ، تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، راۋان يۈرۈشۈپ، كۆزلىگەن نىشانغا يېتىپ، رەسمىي پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئاساس سېلىندى. بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۈچ قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىرنى قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزى يېقىندا كوللېكتىپ زىيارەتكە تەشكىللەپ، ئاممىۋى نامايىش ۋە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ