مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالدى

___ جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش لازىم

2019.09.23 16:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  9-ئاينىڭ 20-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىدە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق پىلانلاشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمى ___ دۆلىتىمىزنىڭ بىر تۈرلۈك تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، جۇڭگو تۇپرىقىدىن ئۆسۈپ چىققان يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىدۇر، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ سىياسىي كېڭەشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك».

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئەن تىڭ ھاياجانلانغان ھالدا: «يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمى ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، يەنە جۇڭخۇا مىللىتى تەشەببۇس قىلىدىغان سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، ئىنسانىيەت سىياسىي مەدەنىيلىكىگە زور تۆھپە قوشتى»، دېدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ يۇڭشىن مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ سىياسىي تۈزۈمىمىز 70 يىل، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇنداق تۈزۈم ئاستىدا ئىش بولسا مەسلىھەتلەشكىلى، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلەشكىلى بولىدۇ».

  ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ شىخۇڭ جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى ساھەسىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار ئۇزاق مۇددەت بىللە تۇرۇش، جاپا ـ مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، بىر ـ بىرىدىن سىر ساقلىماسلىق، شەرەپ ـ نومۇستا بىللە بولۇشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق قىممەت قارىشى ئىدىيەسى ۋە كۈرەش نىشانى ئاساسىدىكى بۇزۇلماس پارتىيەلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنى ئورتاق يارىتىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق كۆزلەيدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ئۆز نامىدا سىياسىي كېڭەشتە پىكىر بايان قىلىش، تەكلىپ بېرىشى توغرىسىدا مېخانىزم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىش كېرەك». 3- سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى چېن لىخاۋ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ سىياسىي كېڭەشتە ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى، «ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە- گۇرۇھ ئەزالىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلالايدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ