سېربىيە زۇڭتۇڭى— جۇڭگو سېربىيەنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى

2019.09.23 15:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگونىڭ سېربىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا 21- چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سېربىيەنىڭ ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى.

  ۋۇچىچ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، ھەمدە سېربىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتنىشىشتىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەنلىكى ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق تۈرلىرى ئەڭ كۆپ بولغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  ۋۇچىچ مۇنداق دېدى: سېربىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ ھەمدە جۇڭگونىڭ مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى بۆلگۈنچىلىك قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  جۇڭگونىڭ سېربىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى شۇ كۈنى «پولات-تۆمۈردەك دوستلۇق ۋە ئورتاق گۈللىنىش» تېمىسىدا دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ، زۇڭلى بۇرنابىچ، مۇئاۋىن زۇڭلى قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ستېفانوۋىچ قاتارلىق سىياسىي ئەربابلار، سېربىيە جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ۋەكىللىرى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ سېربىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە جۇڭگو مەبلىغىدىكى ئاپپاراتلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋەكىللىرى قاتارلىق 3000غا يېقىن كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ