بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى بىرلىكتە روياپقا چىقىرىش − خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

2019.09.20 16:05 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 15تە خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئالغا ئىلگىرىلىگەن 70 يىل ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسەتكە گۇۋاھ بولدى؛

  بوران-چاپقۇنلاردا سەپەرداش بولغان 70 يىل پارلاق ئىز قالدۇردى.

  بۇ يىل خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ۋەتەن بىلەن تەڭ كۈرەش قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش، ئىسلاھات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتتى.

  شانلىق تارىخ كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ − خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو تارىخىي مەدەنىيىتىدە يىلتىز تارتىپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي ئۇلۇغ كۈرىشىدە بارلىققا كەلگەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ شانلىق ئەمەلىيىتىدە راۋاجلانغان بولۇپ، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ.

  1949-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇش ھارپىسى ئىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن 600دىن ئارتۇق ۋەكىل پارلاق كەلگۈسى ۋە گۈزەل تۈزۈمگە بولغان چەكسىز تەلپۈنۈشى بىلەن، قاتمۇقات توسقۇنلۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ بېيپىڭغا كېلىپ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى.

  سانسىزلىغان ئەجدادلار ئۇزاق كېچىنى، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىزدىنىش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقى ئاخىرى يېڭى جۇڭگونىڭ تاڭ نۇرىنى كۈتۈۋالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  تۆۋەندىكى سۈرەتتە: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن مەيدانى (ماتېرىيال سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ