مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

70 يىلدا دۆلىتىمىز پوچتا كەسپىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 7700 ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشتى

جۇڭگو دۇنيا پوچتا كەسپىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچىسىغا ئايلاندى

2019.09.18 17:12 مەنبە: خەلق تورى

  1949 – يىلىدىكى 160 مىليون يۈەندىن، 2018 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 1 تىرىليون 234 مىليارد 500 مىليونغىچە، 70 يىلدا دۆلىتىمىز پوچتا كەسپىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 7700 ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشتى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دۆلەت پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما جۈنشېڭنى جۇڭگو پوچتا كەسپىنىڭ 70 يىللىق ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجە – ئۈنۈملىرىنى تونۇشتۇرۇپ بېرىشكە ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 60 مىلياردتىن ئېشىشى مۇمكىن

  «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز پوچتا كەسپىنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش يۈزبەردى» دېدى ما جۈنشېڭ.

  70 يىلدىن بۇيان، پوچتا كەسپىنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. 1949 – يىلى، ئېلىمىز پوچتا كەسپىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئاران 160 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پوچتا كەسپىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 1 تىرىليون 234 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 7700 ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشتى؛ تېز يوللانما كەسپىنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز رېكورت يارىتىپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىكى 1 مىليون 530 مىڭدىن بۇلتۇر 50 مىليارد 700 مىليونغا يېتىپ، بۇ يىل 60 مىلياردتىن ئېشىشىدا ئۈمىد بار، 30 يىلدا يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %41.5كە يەتتى. «ئېلىمىزنىڭ پوسۇلكا تېز يەتكۈزۈش مىقدارى ئامېرىكا، ياپونىيە، ياۋروپا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز، ئەڭ جانلىق يېڭى گۈللەنگەن يەتكۈزۈش بازىرى بولۇپ يېتىلىپ، دۇنيا پوچتا كەسپىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچىسىغا ئايلاندى» دېدى ما جۈنشېڭ.

  70 يىلدىن بۇيان، پوچتا كەسپىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. 2018 – يىلى، مەملىكەت بويىچە پوچتا يولى ۋە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت تورىنىڭ يەككە ئۇزۇنلۇقى 39 مىليون 448 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، 1949 – يىلىدىكىنىڭ 56 ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، تۈرلۈك تىجارەت تور نۇقتىسىدىن 275 مىڭغا، ئۈچ يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە، 115 تىجارەت يۈك توشۇش ماشىنىسىغا، 322 مىڭ پوچتا، تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت ئاپتوموبىلىغا ئىگە بولۇپ، ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق كۆپ خىل قاتناش تىرانسپورت ئۇسۇلىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىدىغان، شەھەر – يېزىلارنى تۇتاشتۇرىدىغان، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان، دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان زامانىۋى پوچتا ۋە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت تورىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، 70 يىلدىن بۇيان، پوچتا كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئەلالىشىپ، پوچتا كەسپىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، پوچتا كەسپىنىڭ خەلقئارا ئالاقە ھەمكارلىقى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ