مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«سىم- سىم يامغۇر»دىن «بوران - چاپقۇن»غىچە (سەلتەنەتلىك 70 يىل كۈرەشچان يېڭى دەۋر − يېڭى جۇڭگونىڭ قاينام تاشقىنلىق يىللىرى)

2019.09.18 17:11 مەنبە: خەلق تورى

  1956 – يىلىدىن باشلاپ، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنىڭ تېز تاماملىنىشى بىلەن بەزى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر گەۋدىلەندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ماۋ زېدۇڭ كادىرلارنىڭ ئالاھىدە بولۇۋېلىشىدىن ھوشيار تۇرۇپ ۋە ئالدىنى ئېلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئىستىل تۈزىتىشنى قانات يايدۇرۇشقا ھازىرلىنىشنى كۆرسەتتى.

  1957 – يىلى 2 – ئايدا، ماۋ زېدۇڭ «خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى توغرا ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەسىلىلەر» دېگەن مۇھىم سۆزنى ئېلان قىلىپ، سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتىكى ئىككى تۈرلۈك خاراكتېرى ئوخشىمايدىغان زىددىيەتنى چوقۇم توغرا ئايرىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ باش تېمىسى قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ماۋ زېدۇڭنىڭ سۆزى پۈتۈن پارتىيەنى ئىستىل تۈزەشكە ئىدىيە جەھەتتىن سەپەرۋەر قىلدى.

  4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «ئىستىل تۈزەش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى كۆرسەتمە»نى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى باش تېما، بىيۇروكراتلىق ، مەزھەپچىلىك ۋە سۇبيېكتىپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان ئىستىل تۈزەش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى. كەڭ ئامما، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى چاقىرىققا پائال ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتى شۇنداقلا پارتىيە – ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئىدىيەۋى ئىستىلىغا نۇرغۇن پايدىلىق تەنقىد ۋە تەكلىپلەرنى بەردى.

  لېكىن ئىستىل تۈزەش جەريانىدا، ئىنتايىن ئاز ساندىكى بۇرژۇئا ئوڭچىلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاتالمىش «چوڭ سايراش - چوڭ ئېچىلىش»نى تەرغىب قىلىپ، پارتىيە ۋە يېڭى سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە ھۇجۇم قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇندى. بۇ ئەھۋال پارتىيەنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغىدى. 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ماۋ زېدۇڭ «ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولماقتا» دېگەن ماقالىنى يازدى، بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەملىكەتلىك كۆلەمدىكى قاتتىق بوران – چاپقۇنلۇق ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى شىددەت بىلەن قانات يايدۇرۇلۇپ، 1958 – يىلى يازدا ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى.

  شۇ ۋاقىتتا پارتىيە سىنىپىي كۈرەش ۋەزىيىتىنى ھەددىدىن زىيادە ئېغىر مۆلچەرلىگەنلىك ۋە ھۆكۈم قىلغانلىق سەۋەبلىك، ئوڭچىلارغا قارشى كۈرەشنى ئېغىر دەرىجىدە كېڭەيتىپ، زور بىر تۈركۈم كىشىلەرنى «ئوڭچى» دەپ خاتا ئايرىپ، نۇرغۇن ياخشى يولداشلار، ياخشى كادىرلار ۋە پارتىيە بىلەن ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلاشقان دوستلارنى خاتا يارىلاندۇرۇپ قويدى. نۇرغۇن يولداشلار ۋە دوستلار بۇنىڭلىق بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇۋالچىلىققا، بېسىمغا ۋە بەختسىزلىككە ئۇچراپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى. بۇ ئۇلارنىڭ شەخسىي زىيىنى بولۇپلا قالماي، پۈتكۈل دۆلەت ۋە پارتىيە ئىشلىرىنىڭ زىيىنى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، قالايمىقانچىلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئوڭشاش ئارقىلىق، خاتا ئايرىلغان «ئوڭچى»لارنىڭ ھەممىسى تۈزىتىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ