ئالتۇن سېرىس مەيدانىدىكى 70 پارچە دۆلەت بايرىقى

2019.09.18 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئالتۇن سېرىس مەيدانىدا، شياڭگاڭلىق ياشلار دۆلەت بايرىقىنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.

  «دۆلەتكە، شياڭگاڭغا بەخت تىلەيمىز، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!» 17- سېنتەبىر سەھەردە، شياڭگاڭلىق 100 ياش ئالتۇن سېرىس مەيدانىغا جەم بولدى، ئۇلارنىڭ جاراڭلىق، كۈچلۈك ئاۋازى ۋىكتورىيە پورتىنىڭ ئاسمىنىدا ياڭرىدى.

  ئەتىگەن سائەت 6 دىن ئاشقاندا، تاڭ ئەمدىلا يورۇشى بىلەنلا، بۇ ياشلار پۈتۈن شياڭگاڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن ۋەنزەيدىكى ئالتۇن سېرىس مەيدانىغا كېلىپ، «مەن دۆلەت بايرىقى ئاستىدا. ئالتۇن سېرىس بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشىمەن» ناملىق تېز سۈرەت پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  70 پارچە دۆلەت بايرىقى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. مەخسۇس ياسالغان بىر پارچە غايەت زور دۆلەت بايرىقى ۋە 69 پارچە دۆلەت بايرىقى شامالدا لەپىلدەپ، سېرىس گۈلىنىڭ چوڭ تىپتىكى ھەيكىلى ئەتراپىنى ئورىدى، ئالتۇن سېرىس مەيدانى بىردەمدىلا قىزىل رەڭ بىلەن قاپلاندى.

  پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى، شياڭگاڭ رايونى مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى جاۋ جيايىن: «بىز دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، بىرلىكتە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز ھەمدە ھەر ساھەدىكىلەرنى جاپا ـ مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشقا، مېھىر ـ مۇھەببەت ئارقىلىق قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىشكە ئورتاق مۇراجىئەت قىلىمىز، شياڭگاڭنىڭ تەرتىپنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز». شياڭگاڭ ياشلىرى دۆلەت بىلەن ھەمدەمدە بولۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيمىز، شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى تىلەيمىز، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ