مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى نامرات رايونلارنىڭ تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ

2019.09.18 16:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «‹ئۈچ ۋىلايەت، ئۈچ ئوبلاست› قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلاردىكى تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، سىچۈەن ئابا زاڭزۇ-چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، گەنسۇ لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق سەككىز ۋىلايەت ۋە ئوبلاستتىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرى ۋە جېجياڭ قاتارلىق 15 ئۆلكىدىكى 44 تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ «ئۈچ ۋىلايەت، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلاردىكى 35 تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەر بىر مەكتەپكە ئاز دېگەندە بىر تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، «ئۈچ ۋىلايەت، ئۈچ ئوبلاست»نىڭ تېخنىك ئىشچىلار مائارىپى ئەمەلىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2016- يىلىدىن بۇيان، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە ماھارەت ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ 1000 مەكتەپ ھەرىكىتىنى يولغا قويدى، مەملىكەت بويىچە 1200دىن ئارتۇق تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى بۇ ھەرىكەتكە پائال قاتناشتى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىن جەمئىي 170 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرگە قارىتىلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشتە 380 مىڭ ئادەم (قېتىم)لىق تەربىيەلەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ