جۇڭگو ۋەكىللىرى جۇڭگو يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يادرو بىخەتەرلىكى، يادرو بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى

2019.09.18 14:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئاۋسترىيە ۋيېنا شەھىرىدە، جۇڭگو دۆلەت ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جيەنخۇا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ 63- نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە سۆز قىلدى. خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنىنىڭ 63 - نۆۋەتلىك يىغىنى 16- چېسلا ۋيېنادا ئېچىلدى. جۇڭگو دۆلەت ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جيەنخۇا ئۆمەك باشلاپ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە يىغىندا جۇڭگونىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ تەرەققىياتى، يادرو بىخەتەرلىكى ۋە يادرو بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ