بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بۇيۇمىنى ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

خەن جېڭ قاتناشتى ھەمدە قۇت بەلگىسىنى ئېلان قىلدى

2019.09.18 14:20 مەنبە: خەلق تورى

  بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بۇيۇمىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى 17- سېنتەبىر كەچتە بېيجىڭ شۇگاڭ رايونى دۆلەت قىشلىق تەنھەرىكەت مەشىق مەركىزى مۇز توپ سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 24- نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى «بىڭ دۇندۇن»نى ئېلان قىلدى.

  17- چېسلا كەچتە، دۆلەت قىشلىق تەنھەرىكەت مەشىق مەركىزى مۇز توپ سارىيى شاد-خۇراملىققا چۆمدى. سائەت 19 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، خەن جېڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باھا، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى گۇ جۇڭۋېن تەنھەرىكەتچىلەر ۋە قار-مۇز تۈرىنىڭ ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە قۇرۇلمىنى ئېچىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى «بىڭ دۇندۇن»نى نامايەن قىلدى.

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى «بىڭ دۇندۇن» بولسا، مۈشۈكئېيىق ئەسلىي تىپ قىلىنىپ لايىھەلەپ ئىجاد قىلىنغان. ئۇنىڭدىكى "بىڭ" (يەنى مۇز) پاكلىققا ۋە قەيسەرلىككە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدۇ، "دۇندۇن" بولسا، ئاق كۆڭۈل، ساغلام، شوخ، ئوماق ئىكەنلىكتەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ، مۈشۈكئېيىقنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ قاۋۇل بەدىنى، قەيسەر ئىرادىسى ۋە كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ئولىمپىك روھىغا سىمۋول قىلىنغان.

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ