مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ ئۆز يولى ئۈستىدە ئويلىنىشى ۋە ئىزدىنىشى (سەلتەنەتلىك 70 يىل، كۈرەشچان يېڭى دەۋر __ يېڭى جۇڭگونىڭ قاينام–تاشقىنلىق يىللىرى)

2019.09.17 15:39 مەنبە: خەلق تورى

  ئەينى چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، ماۋ زېدۇڭ 1956- يىلى 4- ئايدا «ئون چوڭ مۇناسىۋەت توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا قىلغان سۆزىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۆز يولىمىز ئۈستىدە ئويلاش ۋە ئىزدىنىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە پۈتۈن پارتىيەگە نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: "يېقىندا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇش جەريانىدىكى بەزى كەمچىلىك ۋە خاتالىقلىرىنى ئاشكارىلىدى، ئۇلار بېسىپ ئۆتكەن ئەگرى-توقاي يوللاردا بىزمۇ ماڭامدۇق؟ ئىلگىرى بىز ئۇلارنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەگرى-توقاي يوللارنى ئازراق ماڭدۇق، ھازىر ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك."شۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كۆپ تەرەپلىمە ئىزدەندى.

  1956- يىلى 1- ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭدا زىيالىيلار مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئاچتى. جۇ ئېنلەي يىغىندا «زىيالىيلار مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات» بېرىپ، زىيالىيلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ زىيالىيلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى تارقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى زىيالىيلار خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. مەملىكەت بويىچە زىيالىيلار مەسىلىسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، «ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن ساھەسىگە يۈرۈش قىلىش» سىگنالى چېلىندى.

  مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەننى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، شۇ يىلى 5- ئاينىڭ بېشىدا، ماۋ زېدۇڭ ئالىي دۆلەت ئىشلىرى يىغىنىدا «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، بارچە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش» فاڭجېنىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. شۇ چاغدىكى «قوش بارچە» فاڭجېنىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى خۇددى بىر ئەينەككە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ سىياسىي مۇقىم، ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان، خەلق ئىتتىپاقلاشقان دۆلەت ئوبرازىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، ئىلىم-پەننى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ دەۋر تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  شۇ يىلى 9- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 8- قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. قۇرۇلتايدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك تۈزۈم دۆلىتىمىزدە ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى؛ مەملىكەت ئىچىدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا بولغان ئېھتىياجى بىلەن نۆۋەتتىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماسلىق مەسىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بولۇپ قالدى؛ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى سانائەتلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي ۋە مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى پەيدىنپەي قاندۇرۇشتۇر.

  1956- يىلى يېڭى جۇڭگو ئۆزىنىڭ سوتسىيالىزم يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى باشلىغان يىلى بولدى. بۇ بىر يىلدىكى نۇرغۇن زور تەدبىرلەر كېيىنكى تارىخىي تەرەققىياتقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ ، 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ