مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا بېغىشلانغان خەينەن نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

2019.09.17 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىغا بېغىشلانغان خەينەن نەتىجىلەر كۆرگەزمىسى 16- چېسلا گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدا، كوكۇس دەرىخى ئويمىچىلىقى ۋە لىجىن كەشتىچىلىكى كۆرگەزمىسى نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى. بۇ باش تېما مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى ئالتە چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا «ئىلگىرىلەش مۇساپىسى»، «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش»، «سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش»، «كەسىپ ئاساسىنى زورايتىش»، «ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش»، «مەدەنىيەت ۋە ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كۆرگەزمىدە، خەينەننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاجايىپ نەتىجىلىرى نامايەن قىلىندى.

  ئۆزگىچە مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە سۇپىسى ئالدىدا، كوكۇس سۈتى ۋە قەھۋە قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، لىجىن كەشتىچىلىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ تارتتى. توقۇمىچى قىزلار لىزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ناخشىلىرىنى ئېيتىشتى، ئارقاق يىپلىرى بامبۇك يىڭنىسى ئۆرۈش جەريانىدا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، بىردەمدىن كېيىن، شەپەقتەك چاقناپ تۇرغان لىجىن ھۈنەرلىرى مەھسۇلاتلىرى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى ۋە بۇنىڭدىكى ئۇستا ماھارەتلەر ئېكىسكۇرسىيىچىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ