خېبېي لېتىڭ: بېيجىڭ-تيەنجىن كەسىپلەرنى يۆتكەش تەدبىرىگە ماسلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

2019.09.17 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:9-ئاينىڭ 16- كۈنى لېتىڭ ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان بېيجىڭ مۇھىت تازىلىقى گۇرۇھى مۇھىت تازىلىقى ئۈسكۈنىلىرى (لېتىڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى سېخ ئىچىدە مۇھىت تازىلىقى ئاپتوموبىللىرىنى قۇراشتۇردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ لېتىڭ ناھىيەسى بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دېڭىز بويىدىكى پورتقا يېقىن رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بېيجىڭ - تيەنجىن كەسىپلەرنى يۆتكەش تەدبىرى ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا پائال ماسلىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان بىر قاتار «باشلامچى» كەسىپ تۈرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن كىرگۈزۈپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بەش يىلدىن بۇيان، لېتىڭ ناھىيەسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ - تيەنجىن كەسىپلەرنى يۆتكەش تۈرلىرىدىن 63 نى كىرگۈزگەن. بۇ تۈرلەر جابدۇق ياساش، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ۋە بىئوخىمىيىلىك دورىلار قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن 29 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ