ساغلام جۇڭگو — 70 يىلدا جۇڭگو قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدىكى مۇلاھىزە (7)

2019.09.16 16:39 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: فۇجيەن ئۆلكىلىك ئانا- بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ سېستراسى يانتېلېفون ئارقىلىق تۇغۇت تەكشۈرتۈشكە كېلىشىپ قويغان بىر ھامىلىدار ئايالنى دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە باشلاپ كىرمەكتە (2018-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 70 يىل، بىر مىللەتنىڭ «شەرقىي ئاسىيانىڭ كېسەل كۆرپىسى»دىن «شەرقتىكى گىگانت ئادەم»گە ئۆتۈشتەك تارىخىي ھالقىشىدۇر؛ 70 يىل، شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ياراتقانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسىدۇر.

  «يالاڭئاياغ دوختۇر»دىن «ئۇنىۋېرسال دوختۇر»غىچە، يۇقۇملۇق كېسەل، پارازىت كېسەللىكنى يوقىتىشتىن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل، راك كېسىلىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقىچە، «كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىش»تىن «خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىش»قىچە... 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تۈۋرۈكلۈك خەلق تۇرمۇشى تەدبىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن كىشىنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدىغان ساغلام جۇڭگو يولى بارلىققا كەلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ